تور بېكىتىمىزنىڭ ئەزىز كۆرۈرمىنى ياخشىمۇ سىز ، تور
ئادرىسىمىزنى بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ - ئادرىسىمىز http://www.xahlan.com
نىجاد : ئەيدىزنى غەرب دۆلەتلىرى يا
قۇشۇلغان ۋاقىت:2012-01-22 19:33مەنبە:未知 زىيارەت سانى: قېتىم
جۇڭگو كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، < سۆزچى > دەپ نام ئالغان ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان گەپلەرنى يەنە قىلغان. ئۇ ، غەرب دۆلەتلىرى ئەيدىز كېسىلىنى ياساپ چىقتى ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بولسا ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەمدە غەربنىڭ دورا ياساش تىجارىتى ئۈچۈن غايەت زور بازار يارىتىش ، دىگەن .
ئەھمەدى نىجاد يەنە ، << غەرب دۆلەتلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ، ئەيدىزنىڭ تۈپ مەنبەسى ئەخلاقسىز قىلمىشلاردىن كىلىدۇ ، دەپ ئالدىدى . ھازىر بىز ئۈچۈن يىشىش مۇھىم بولغان بىر مەسىلە بار ، ئۇ بولسىمۇ جاننى ئالىدىغان ئەيدىز ۋىروسى نىمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقىلىدۇ ؟ نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسىسلەر ، ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تارقىلىشى يامان ئادەت ۋە ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ مەھسۇلى دەيدۇ . بىراق بىز كۆرۈۋالالايمىزكى ، بىر قىسىم رايونلاردا بۇنداق ئەخلاقسىز قىلمىشلار مەۋجۈت بولمىسىمۇ نىمىشقا ئەيدىز يەنىلا پەيدا بولىدۇ ؟ غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر دەل ئەيدىزنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى تارقاتقۇچىسى ، ئۇلار ئاشۇنداق ۋىروس تارقىتىش ئارقىلىق نامرات دۆلەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ دورا بۇيۇملىرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنلىرىنى سېتىپ بايلىق يىغىدۇ >> دىگەن .
ئەھمەدى نىجاد بۇندىن ئىلگىرىمۇ ، ئىسرائىلىيەنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈش كېرەك ، 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىنى ئامېرىكا ھۆكىمىتى ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلىغان دىگەندەك جامائەتنى ھەيران قالدۇردىغان سۆزلەرنى قىلغان ئىدى.
مەنبە....
(تەھرىرلىگۈچى:admin) |
------分隔线----------------------------
新建网页 1
شاخلان ئونۋېرسال تورى سىزلەنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ، ئەگەر سىزنىڭ مەنپەتىڭىزگە دەھلى تەرىز قىلىدىغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەل ۋاختىدا ئۆچۈرمىز ، تورداشلانىڭ بېكىتىمىزنى قوللاپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز دەپ شاخلان تورى ،QQ_307454138